www.4tadu.com
  • ئابدۇللا داموللام - [ھۆكۈمالىرىمىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/132877650.html

    تېۋىپ – ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1888-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎھىيىسىنىڭ ﻳﯧﯖﯩﺌﺎﯞﺍﺕ ﻳﯧﺰﺍ ،ﺋﻮﺗﯘﻥ ﻛﻪﻧﺘﻰ «ﻣﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ» ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺗﯧﯟﯨﭗ ـ ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 10 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ . 1898-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﺎﻍ » ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1912-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1916-ﻳﯩﻠﻰﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ – ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺭﺍﯞﯗﻟﭙﯩﻨﺪﻯ ، ﻛﺎﺭﺍﭼﻰ ، ﺩﯦﮭﻠﻰ ، ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻣﺒﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥﻳﻪﺭﻛﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺸﻰ ﯞﻩﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﺭﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺵ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻣﯚﯞﻟﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻣﺒﺎﻳﻨﯩﯔ «ﻻﻛﯩﻨﻮ» ﺩېگەﻥﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ «ﻻﻛﯩﻨﻮ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺷﯚﻳﯜﻩﻧﻰ»ﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺵ ﺑﺎﮬﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﯞﻩﻳﻮﻟﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ 14 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺘﺎب ، ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﺎ ، ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻕ ، ﺩﻭﺭﺍ ﺩەﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰﻣﯚﯞﻟﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﮬﻪﺟﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﺎﻍ» ﻣﻪﺩﺭىسىدە ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﺳﻠﯩﻚﻗﯩﻐﺎﭺ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻣﯚﯞﻟﯩﯟﯨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪپتىمۇ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . 1956-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎخىرﯨﻐﯩﭽﻪ ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﺎﻣﺒﯘﻻﺗﻮﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﮔﻪﭺ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﻧﻪﭘﻪﺭﺋﯘﻳﻐﯘﺭ تېباﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﯩﯟﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮىنچىسى ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻣﯚﯞﻟﯩﯟﻯ، ئىككىنچىسى ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢﮬﺎﺟﯩﻢ)ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻮﻗﯘﭖﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ . ﺋﻪﺭﻩﺏ ، ﭘﺎﺭﺱ ، ﺋﻮﺭﺩﻭ ، ﮬﯩﻨﺪﻯ ، ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻪﺭﻩﺏ ، ﭘﺎﺭﯨﺲ ، ﺋﻮﺭﺩﻭ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺰﺍﻥ ﺗﯩﭗ ، ﺗﯧﺒﺒﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﺋﯧﻠﻰ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﺍﻳﯩﺖ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯩﺮﯨﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﻣﻪﺗﺘﯘﺭﺳﯘﻥ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﮬﯧﺒﯩﺒﯘﻟﻼ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﻣﻪﺗﺘﻮﺧﺘﻰ ﮬﺎﺟﯩﻢ ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪﻡﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪخەﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ . ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، «ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ»، ﮬﯧﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﻣﻪﯞﻟﯩﯟﻯ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﭘﯩﺸﯩﯟﺍﺳﻰﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﻪربىيىلەپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﯩﻚ ﻣﯘتەخەسسىسلىرىنىڭ ﻛﯚﭘﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﯞﯨﺮﺍﭺﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭﻻﺭﺩﯗﺭ.
    ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1975-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ 86 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﺗﯧﻠﯩﮕﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺑﯘﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﻣﯘﺗﻪخەسسىسنىڭ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. (ئۈستۈنئاتۇش مائارىپ تورى)

    分享到:
    "خەتكۈچ":

.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!