www.4tadu.com
  • نەزىرىيە ئاساستىن پايدىلىنىش سۇئاللىرى

    1.مېدىسىنا ئىلمى قانداق پەن؟

    2.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمى قانداق پەن؟

    3.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى چوڭ جەھەتتىن قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى

    4.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزىرىيىسى قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟

    5.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئەمىلىيىتى قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟

    6.ئۇمۇر تەبئىيە دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟

    7.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى يازما ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا قانچىلىك تارىخقا ئىگە؟

    8.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىككە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئالىملاردىن كىمنى بىلىسىز ؟

  •  

    تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى

    بۇ ناھايىتىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھەر قانداق ياشتىكىلەردە ، بولۇپمۇ ئوپچە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلاردا ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

     

     سەۋەبى: جىنسىي يول تۈكلۈك  تامچە قۇرتىدىن يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ.. ئاساسلىقى جىنسىي يول تامچە قۇرتلۇق كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچىلار بىلەن جىمائ قىلىش، شۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلار بىلەن بىللە يۇيۇنۇش، يۇيۇنۇش داسلىرى، يۇيۇنۇش لۆڭگىلىرى، سۇ ئۈزۈش كىيىملىرى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن بولىدۇ.

     

  • تۆت پەسىلنىڭ ھەر بىرىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

     

     باھار پەسلىدە سۈرگە ئىچىش، قان ئالدۇرۇشقا بولىدۇ.لېكىن قان ئالدۇرۇشتا كۆپ ئېھتىياتلىق بولۇش ،ھۆل ئىسسىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

     

     ياز پەسلىدە كۆپرەك تاماقلىنىش، ئەمما ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش،مۇۋاپىق دەم ئېلىش، ئاپتاپنى توسىدىغان ئاق دوپپا، چىغ قالپاق، ئاق ياغلىققا ئوخشاش نەرسلەرنى ئىشلىتىش،ھارارەتنى پەسلىتىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش، كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىپ بېرىش لازىم.قۇستۇرىدىغان دورىلار

  • يۆتەل توختاتقۇچى بىر نەچچە رېتسىپلار

     

    ھەببى سىل

    تەركىبى:ئاقلانغان  تاتلىق بادام مېغىزى، ئاقلانغان ئاچچىق بادام مېغىزى ،قورۇلغان زىغىر، قورۇلغان چىلغوزا مېغىزى، ناۋات 14 گرامدىن؛ ئەينالۇ، رۇببىسۇس، ئېرسا ئالتە گرامدىن؛ زەفەر، ئەپيۇن تۆرت گرامدىن ؛.

    دورىلارنى قائىدە بويىچە سوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سوقۇپ، قالغانلىرىنى سالايە قىلىپ بەدىيان سۈيىدە يۇغۇرۇپ، نۇقۇت چوڭلۇقىدا كۇمىلاچلىنىدۇ.

    گالنى سىلىقلاشتۇرۇپ ئاۋازنى ياخشىلاش،جاھىل ۋە كونا يۆتەلنى توختىتىپ ، ئۆپكە جاراھىتىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

  •  

    قەدىمكى ۋەسىقىلەردە ئۆپكە كېسەللىكىگە دائىر بايانلار

     

    كۇچادىن تېپىلغان سانسىكرىت يېزىقىدىكى تېبابەتچىلىككە دائىر ئۈچ قىسىملىق ۋەسىقە ھەققىدە

    ئابلىز مۇھەممەت سايرامى

     

    ‹‹باۋېر قوليازما نۇسخىسى››نىڭ ئىككىنچى قىسىم 160-161 –بەتلىرىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن:پاكىز قاچىغا سېرىق مېۋىلىك پېدىگەننى سىقىپ ،سۈيىنى چىقىرىپ تۆرت لىتىر پېدىگەن سۈيىگە بىر لېتىر سېرىقماينى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىلىدۇ، ئاندىن ئۈچ خىل ئىسسىقلىق دورا ،چۈرۈك كەترەن، ئوغرىتىكەن،جۇخارگۈلىنى يۇقىرىقى قايناتمىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم دورا ياسىلىدۇ. بۇ رېتسىپ بەش خىل يۆتەلگە شىپا بولۇپ ، دەرھال ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

  • ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ كېلىنكىدا قوللىنىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا

    قىسقىچە مەزمۇنى : ئۆزگىچە داۋالاش دىگىنىمىز،باشقا داۋالاشلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە داۋالاش ئۇسۇلىنى كورسىتىدۇ . بۇ ماقالىدا ئۆزگىچە داۋلاش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى،شۇنداقلا ئۆزگىچە داۋلاشنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەمدە ئۆزگىچە داۋلاشنىڭ ئەمىلى قۆللىنىشچانلىقى سۆزلىنىدۇ .

    ئاچقۇچلۇق سۆز : ئۆزگىچە داۋلاش . ئۇيغۇر تېبابىتى .

    ئۆزگىچە دىگەن سۆز ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىك

  • روزا ھەققىدە

    ﺑِﺴْﻢِ ﺍﷲِ ﺍﻟﺮﱠﺣْﻤﻦِ ﺍﻟﺮﱠﺣِﻴﻢ

    ِ

    روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سوئاللارغا جاۋابلار

    1. روزا تۇتۇش ئۈچۈن كالىندار ئەمەس،بەلكى ئاي كۆرۈش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

    2.رامىزان روزىسىغا تاڭ يۇرۇشتىن ئاۋال نىيەت قىلىش شەرتتۇر.

    3. نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس،بەلكى دىلدا نىيەت قىلىش

  • ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ زامانىۋىلىشى يولى(داۋامى)

    ئۆز خەۋىرىمىز : دۆلىتىمىز 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ۋە زاڭزۇ تېبابىتى دورىلىرىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدۇ. ئاپتونۇم رايۇنىمىزمۇ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى ئىستىراگىيەلىك بىيو-تىببىي دورىگەرلىك كەسپى سۈپىتىدە نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرىگە كىرگۈزدى . ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكىلەر ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ھازىر ئۇچۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئايروپىلانغا ئوخشايدىغانلىقىنى ، ئەگەر بۇ قېتىمقى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويسا

  • ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىنىڭ زامانىۋىلىشىش يولى

     

    ئۆز خەۋىرىمىز: مىللى تېبابەتنىڭ سەركىسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇاڭزۇ،يىزۇ، دەيزۇ تېبابەتلىرى بىلەن بىللە ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ 1- ئىيۇلدىن باشلاپ دورا ماتىرىياللىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە سۈمۈرمە، كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بارلىققا كېلىپ ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى قانۇنىي ئاساسىي بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى. 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم ھالقىغا ئايلاندى.

     

     جۇڭگودا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ راۋاجلىنىشى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرماقتا. مۇخبىرىمىز ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈپ ، زىيارەت

  • ئارپا سۈيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئارپا سۈيىنىڭ تۆۋەندىكىدەك 10 خىل خۇسۇسىيىتى بار:

     1. ئارپا سۈيى سۇغۇقلۇق ۋە ھارارەتنى تەڭشەيدۇ.

    2. ئارپا سۈيى كېسەللىك ماددىسىنى پىشۇرىدۇ. 3

    .ئارپا سۈيى كۆيگەن كېسەللىك ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     4. ئارپا سۈيى ئاشقازاننى تازىلايدۇ.

     5. ئارپا سۈيى ئۇمۇمىي بەدەنگە تىز سىڭىشىپ كېتىدۇ. 6

    . ئارپا سۈيى مەززىلىك بولۇپ ، تەبىئەت ئۇنى تىز قۇبۇل قىلىدۇ

  • ئىسلام دىنىنىڭ تاھارەت ۋە نەسىل ئەزالىرى ساغلاملىقىغا دائىر ئەھكاملىرى ۋە ئۇنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىسى  

    ablitip007

    (ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن)

    ئىسلام دىنى ھەممە تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇكەممەل ،ئەڭ توغرا دىن بۇلۇپ،ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرسى ئىنتايىن كەڭ. ئۇ بىزگە تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئۇنىڭ تەششەبۇس قىلغان ھەر قانداق ئىشىدا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكتە نۇرغۇن ساۋاب ۋە زور ھېكمەت-خاسىيەت بار. تۆۋەندە بىز دىنىمىزدىكى تاھارەت، خەتنە قىلىش ئەر-خۇتۇندارچىلىق بەلگىلىمىلىرى قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئەھكاملارنى ۋە ئۇنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىسى

  • تۆت خىلىتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى

     

    سەپرانىڭ ئۆزگىرىشى بەش تۈرلۈك بولىدۇ:

    1. سەپراغا سۇيۇق ھۆللۈك ئارىلاشسا سەپرائى مۇررىئە يەنى ئاچچىق سەپرا دېيىلىدۇ؛

    2. سەپراغا قۇيۇق ھۆللۈك ئارىلاشسا سەپرائى مۇھىيە يەنى ساپ سەپرا دېيىلىدۇ؛

    3. سەپراغا ئازغىنە غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ئارىلاشسا سەپرائى مۇھتەرىقە يەنى كۆيگەن سەپرا دېيىلىدۇ؛

    4. سەپرائى مۇھتەرىقىگە سەپرائى مۇررىئە ئارىلاشسا سەپرائى كۇرراسى يەنى كۈدە رەڭلىك سەپرا دېيىلىدۇ؛

    5. سەپرائى مۇھتەرىقىگە سەپرائى مۇررىئە بەك ئىسسىق ھالەتتە ئارىلاشسا سەپرائى زەڭگارى يەنى سۈسۈن رەڭلىك سەپرا دېيىلىدۇ.

     

  • يەل توغرىسىدا 

    ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسى مەسئۇل ۋىراچى ئالىمجان ئىسمايىل

     ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ‹‹يەل ›› دېگەن ئاتالغۇ دائىم دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ئاتالغۇ گەرچە ئاددى بىر ئېغىز سۆزدەك قىلسىمۇ ، لېكىن نۇرغۇن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەشكەن.

     ئۇيغۇر خەلقى نۇرغۇن  ئەسىرلەردىن بۇيان ئادەم بەدىنىدىكى بەزى غەيرىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېيتىشقا ئەپلىك، مەنىسى كەڭ بولغان بۇ ئاددى ئىبارە بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن . ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمۇ خەلق ئاممىسى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن بۇ ئاتالغۇنى قۇبۇل قىلىپ(مەنچە خەلق ئاممىسىغا تېۋىپلاردىن قوبۇل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن) نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى

  • مەسارىدۇس

    بۇ مەجۈنگە مەسارىدۇس دەپ نام بېرىشنىڭ سەۋەبى : بۇ دورىنىڭ بارلىق ئاغرىقلارغا بولغان مەنپەئەتىنىڭ سىرتىدازەھەر قايتۇرۇش تەسىرىمۇ بولغاچقا ، تەرياق بىلەن باراۋەر. بەزى جەھەتلەردە تەرياقى پارۇقتىن مەنپەئەتى كۆپرەكتۇر. خۇسۇسەن جىنسىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشتا ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن مەسارىدۇس دەپ ئاتالغان.

    تەركىبى: زەپەر، غارىقۇن، زەنجىۋىل ، دارچىن، كەتىرا ھەر بىرى ئالتە گرامدىن؛ سۇمبۇل،كۇندۇر، ئاق قىچا، ئىزخىر، ئۇدبىلسان، ئۈستىقۇددۇس، سىيسالىيۇس، كەرەپشە ئۇرۇقى، مەستىكى، قارىمۇچ، تىكە ساقىلىنىڭ سۈيى ، قۇندۇز قەھىر، سازەج ھىندى، مىئەسائىلە،جاۋشىر 24گرامدىن؛ سەلىخە، ئاقمۇچ، پىلپىل، سۆرۈنجان، پىرسىياۋشان، ئۈستىقۇددۇس(؟)، دۇقۇ، ئىكلىلمىلىك، جىنتىيانا، رەۋغىنى بىلسان، ھەببى بىلسان، پەرپىيۇن، مۇقەل 21گرامدىن؛ سۇزاپ ئالتە گرام، ئۇشەق،

  • سۇئۇلقۇنىيە كېسەللىكى توغرىسىدا

     ئەگەر جىگەر ئەھۋالى بۇزۇلۇپ، جىگەردە ئاجىزلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، ئالدى بىلەن ئىستىسقانىڭ مۇقەددىمىسى بولغان بىر ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋال سۇئۇلقۇنىيە دەپ ئاتىلىدۇ.  بۇ مىزاج بۇزۇلۇشقا قارىتىلغان خاس ئىسىمدۇر. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۇمۇمىي بەدەن ۋە  چىراينىڭ رەڭگى ئاق سېرىققا ئۆزگىرىدۇ، قاپاق، يۈز ، تۆت مۈچىسىدە كۆپجۈش يۈش بولىدۇ. بەزىدە ئۇمۇمىي بەدەن خېمىردەك بوليپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەزىم بۇزۇلىدۇ، بەزىدە ئىشتىھا كۈچىيىپ كېتىدۇ. چوڭ تەرەتنىڭ توختاپ قېلىشى ۋە كېلىشى تەرتىپسىز بولىدۇ،شۇنداقلا ئۇيقۇ ئەھۋالىمۇ تەرتىپسىز بولىدۇ. بەزىدە ھوشسىزلىنىدۇ. سۈيدۈك ۋە تەر ئاز ، يەل كۆپ بولىدۇ. قورساق پەردىلىرى قاتتىق كۆپىدۇ. بەزىدە ئۇرۇقدانمۇ كۆپىدۇ. ئەگەر بۇلاردا يارا يۈز بەرسە ، مىزاج بۇزۇلغانلىقتىن يارىنىڭ پۈتۈشى تەس بولىدۇ ۋە چىش مىلىكىدە ئۆرلىگەن بۇزۇق بۇخارات سەۋەبىدىن ھارارەت ۋە قىچىشىش بولىدۇ. ئۇمۇمىي بەدەن

  • رىۋايەتتە :  بارلىق گۇناھلارنى تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ قەلبى يۇمشاق بولىدۇ. ھارام يېمەكلىكلەرنى تەرك قىلىپ، ھالال يىمەكلىكلەرنى يېگەن ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ھاپ بولىدۇ. ئاللاھ بىر پەيغەمبىرىگە :‹‹نازىل قىلىنغانغا سەن بويسۇنغىن. مەن چەكلىگەنگە سەن خىلاپلىق قىلما››-دېگەن.

    بىر ھەكىم ئېيتىدۇ: غەم-قايغۇنى كۆتۈرىۋېتىدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئىش بار. ئاللاھنى زىكرى قىلىش، دوستىنى يوقلاش، دانالار سۆھبىتىگە داخىل بولۇش.

    ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئۈچ خىل ئقىش ئادەمنىڭ ئەستە تۇتىۋېلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ ۋە ئېغىز كېسەللىكلىرىدىن خالىي قىلىدۇ.مىسۋاك بىلەن چىش چوتكىلاش، روزا تۇتۇش، تەجۋىد بىلەن قۇرئان ئوقۇش.››

    بىر ھەكىم مۇنداق دەيدۇ: ئېتىقادنىڭ بەلگىسى

  • كۆزنىڭ تەشرىھى توغرىسىدا

    بىز دەيمىزكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە كۆرۈش روھىنىڭ ماددىسى كۆز تەشرىھىدە تۇنۇشتۇرۇلغان ئىچى كاۋاك ئىككى نېرۋا يولىدىن ئۆتىدۇ. ئەگەر نېرۋا ۋە ئۇ نېرۋىغا قاش سۆڭىكىگىچە قوشۇلۇپ كېلىدىغان پەردىلەر تۆۋەنلىسە ، بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىر تەرىپى كېڭىيىدۇ، ماددىغا توشۇپ قالىدۇ ۋە ئوتتۇرىسىدا قىروسىمان ھۆللۈك بولغان ئىنچىكە ئورۇندىكى ھۆللۈكلەرنى قورشاپ تۇرىدىغان ھالەتتە كېڭىيىدۇ، بۇ قىروسىمان ھۆللۈك مۇز ۋە مۆلدۈرگە ئوخشاش سۈزۈك ھۆللۈك بولۇپ ، شەكلى يۇمىلاقتۇر.  ئۇنىڭ كەڭلىكى ئالدى تەرىپىدىن ئۇنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئازايتىدۇ، يىغىلغان نۇرنىڭ تولۇق بولۇشى ۋە كۆرۈنگەن كىچىك نەرسىلەرگە يىغىلىدىغان يېتەرلىك ئورۇننىڭ بولۇشى ئۈچۈن كەڭرى يارىتىلغان. قىروسىمان ھۆللۈككە كىرگەن ئىنچىكىلىكتىن كەڭرىلىكنى تەلەپ قىلىۋاتقان جىسىملارغا ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن بۇ ھۆللۈكنىڭ ئارقا تەرىپى ئازراق ئىنچىكە يارىتىلغان . بۇ ھۆللۈكنى قوغداشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئۇرۇن

  • تىلنىڭ تەشرىھى  توغرىسىدا

     

     ئېغىز غىزانى تۆۋەنكى بوشلۇققا يەتكۈزۈشتە زۈرۈر بولغان ، ھاۋانى يۇقىرىقى بوشلۇققا يەتكۈزۈشتە شېرىكلىشىدىغان  ۋە ئاشقازان كىرىش ئېغىزىدا يىغىلىۋالغان ئېشىندىلارنى تۆۋەنگە ئىتتىرىش دىشۋار ياكى قىيىن بولغاندا چىقىرىپ تاشلاشتا  پايدىلىق بولغان بىر ئەزادۇر.

     ئېغىز ئىنساندا سۆزلەش ئەزالىرىنى ، پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىدىغان ھايۋانلاردا ئاۋاز چىقىرىش ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بوشلۇقتۇر. تىل ئېغىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۇ چاينالغان يېمەكلىكلەرنى ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈش، ئاۋازلارنى ئۈزۈش، تاۋۇشلارنى چىقىرىش ئەزالىرىدىندۇر.  تىلدا تەم پەرقلەندۈرۈلىدۇ.تىلنىڭ ئاستى يۈزىنىڭ تېرىسى قىزىلئۆڭگەچ تېرىسىگە ۋە ئاشقازاننىڭ ئىچىگە تۇتاشتۇر. ئېغىز ئۈستۈنكى غارىنىڭ سىرتقى بۆلىكىنىڭ تېرىسى ئوقسىمان چاكنىڭ ئۇدۇلىدا ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئۇ ئىككى بۆلەك ئارىلىقىدىكى

  • مەجۈنى لوبوبى كەبىرئالى

    تەركىبى: رىيگ ماھى، زەپەر، ماھى رۇبيان، خىراتىن، سۆئلەپ مىسرى، شاقاقۇل مىسرى، ئىككى خىل بەھمەن، ئىككى خىل تۇدرى،…….قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: مېڭە ،يۈرەك،بۆرەك كېسەللىكلىرى ، جىنسىي ئاجىزلىق، ئورۇقلاپ كېتىش ۋە  ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى لوبوبى سەغىرئەلا

     تەركىبى: ئاقىرقەرھا، شاقاقۇل مىسرى، ئىككى خىل بەھمەن، ئىككى خىل تۇدرى، ھەببى زەلەم، ھەببى قەلقەل، ھەببە تۇلخوزرا، پىستە مېغىزى،

  • باش ۋە باش بۆلەكلىرىنى تونۇش توغرىسىدا

    جالىنۇس مۇنداق دېگەن: باشنىڭ يارىتىلىشىدىكى مەقسەد ، مېڭە، ئاڭلاش، پۇراش، تېتىش ۋە تېگىشىش سېزىمى قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئەزا ۋە قۇۋۋەتلەر باشسىز جانلىقلاردىمۇ مەۋجۇدتۇر. لېكىن بۇنىڭدىكى مەقسەد ، كۆزنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ، شۇنداقلا كۆزنىڭ باشقا ئورگانىزىملارنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن كۆزىتىشى ۋە باشقا ئەزالاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ، كۆزنىڭ بەدەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆزەتچىنىڭ ئەسكەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. كۆزەتچىنىڭ ئەسكەرلەرنى كۆزىتىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئەڭ ياخشى جايى ئېگىز جايدۇر. مۇتلەق ھەر قانداق كۆز باشنىڭ يارىتىلىش ئېھتىياجى بولماي ، بەلكى كۆزلىرى بەك قوغداشقا ۋە مۇستەھكەم ساقلايدىغان ئورۇنغا ئېھتىياجلىق بولغان بىر قىسىم يۇمشاق كۆزلۈك ھايۋانلار ئۈچۈن باشنىڭ يارىتىلىش ئېھتىياجى بولغاندۇر . چۈنكى باشسىز ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىسىگە تېنىدىن

  • تېۋىپ – ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1888-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎھىيىسىنىڭ ﻳﯧﯖﯩﺌﺎﯞﺍﺕ ﻳﯧﺰﺍ ،ﺋﻮﺗﯘﻥ ﻛﻪﻧﺘﻰ «ﻣﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ» ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺗﯧﯟﯨﭗ ـ ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 10 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ . 1898-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﺎﻍ » ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1912-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1916-ﻳﯩﻠﻰﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ – ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺭﺍﯞﯗﻟﭙﯩﻨﺪﻯ ، ﻛﺎﺭﺍﭼﻰ ، ﺩﯦﮭﻠﻰ ، ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻣﺒﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥﻳﻪﺭﻛﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺸﻰ ﯞﻩﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﺭﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺵ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻣﯚﯞﻟﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻣﺒﺎﻳﻨﯩﯔ «ﻻﻛﯩﻨﻮ» ﺩېگەﻥﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ «ﻻﻛﯩﻨﻮ

  • ئەغرازى تېببىيە

    مۇقەددىمەسى

    سەۋدا ئۇرغان مەن بىچارە سەرگەردانمەنكى،

    خۇدانىڭ سۈپەت- تەرىپىنى قانداق ئېيتارمەن.

    ئىلاھىم تەۋھىدىڭدىندۇر لەرزىدە تېنىم،

    گەر بولسىمۇ زەبۇن ھالىم ھەمدۇ ئېيتارمەن.

     

      قابى قەۋسەيىن تەختىنىڭ شاھىنشاھى، پەيغەمبەرلەر پېشىۋاسى، ئىككى جاھان سۇلتانى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ۋە سالام بولسۇنكى ، ئۇ زات ئىلىم ئىككى تۈرلۈك بولۇر ، بىرى تېببى ئىلىم ، يەنە بىرى دىنىي ئىلىمدۇر دەپ تېببىي ئىلىمنىڭ دىنىي ئىلىمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. بۇ ، تەن ساغلاملىقىنىڭ مۇھىمىقىغا قارىتىلغان ئىشارەتتۇر. ئەگەر كىشىنىڭ تېنى ساق بولسا، تائەت-ئىبادەت، پەرز-سۈننەتلەرنى بەجا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى

  • بىھى

    تەبىئىتى: تاتلىقى مۆئدىتىلگە مايىل، بەزىلەر ھۆل ئىسسىق دەيدۇ. ئاچچىق-چۈچۈكى قۇرۇق سۇغۇق. بىھى ئۇرۇقى ھۆل سوغۇق.

    خۇسۇسىيىتى: خۇشلۇق كەلتۈرۈش، يۈرەك، مېڭە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىمنى كۈچەيتىش ، يەل ھەيدەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

     

    ئامۇت

    تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق

    خۇسۇسىيىتى: ئاشقازاننى، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش، يەل ھەيدەش، سەپرانىڭ تىزلىكىنى، قاننىڭ قىزىقلىقىنى پەسەيتىش، سېسىق گازلارنىڭ مېڭىگە ئۆرلىشىنى توسۇش، ساپ قان پەيدا قىلىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە

  • ئەسقەلىيبىيوس باشچىلىقىدىكى سەككىز مەشھۇر تېۋىپ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

    ئەسقەلىيبىيوس ؛ قەدىمكى پەيلاسوپلار ۋە تېۋىپلار يۇنانلىق ئەسقەلىيبىيوسنىڭ تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان تىۋىپ  ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇنىڭ تەجرىبە ئاساسىدا تۇنجى قېتىم تېبابەت توغرىسىدا سۆز ئاچقان كىشى ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن.

    سىجىستانلىق مەشھۇر لوگىكاشۇناس شەيخ ئەبۇ سۇلايمان مۇھەممەد ئىبنۇ تاھىر ئىبنۇ بەھرام ‹‹ئىزاھلار›› ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:‹‹كىشىلەر ئەسقەلىيبىيوس ئىبنۇ زىيوسنىڭ روھانى سۈپەتتە تۇغۇلغانلىقىنى ، ئۇنىڭ تېبابەت پىشىۋاسى ۋە نۇرغۇنلىغان پەيلاسوپلارنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىدۇ، ئىقلىيدىس، ئەپلاتون، ئارىستوتىل، بۇقرات ۋە نۇرغۇنلىغان يۇنانلىقلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىندۇر. بۇقرات بولسا ئۇنىڭ 16- ئەۋلادى ،يەنى ئۇنىڭ 16- جەمەت ئەۋلادى.

    ئىككىنچىسى: غورس ، ئۇ 47 يىل ياشىغان ، بۇنىڭدىن 17 يىل سەبىيلىك ۋە ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى، قالغان 30 يىل تەلىم بېرىش  ،

  • جاۋارىش مۈلۈك
    بىر يىلغىچە ھەر كۈنى يېسە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. بۇنى داۋاملىق يېگەن ئادەمنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك قالمايدۇ. داۋائى مۈلۈك(جاۋارىش مۈلۈك)نىڭ قارا ئاقما، ئاق ئاقما،قىزىل  ئاقما ۋە ئەزالاردىن سۇ سىرغىپ چىقىش، سېرىق سۇ چىقىش، سۇغۇقتىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەر، بۇغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدىغانلىقى ۋە كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، رەڭگى-روھىنى گۈزەللەشتۈرۈش، باھنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى بارلىقى ھېكايە قىلىنغان.

     نۇسخىسى: قارا ھېلىلە، بەلىلە، ئامىلەنىڭ ھەر بىرىدىن 144گرام،سىيادان 96گرام، قارىمۇچ، ئۇشەق،پىلپىل، زەنجىۋىل، پىلپىل يىلتىزى ھەر بىرى 48 گرامدىن، نارمىشكى ، قاقىلە، سەئدى كۇفىنىڭ ھەر

  • ئەنبۇسى(ياپونىيە)

     ماقالىمىزنىڭ ئاپتورى ئەنبۇسى – يېمەكلىككە ئىش قوشۇشنى تۇنۇشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن 20 نەچچە يىل شوغۇللىنىپ ، يېمەكلىككە قېتىلىدىغان ‹‹ قوشۇلمىلار تىرىك لۇغىتى ›› ، ‹‹ يېمەكلىك قوشۇلمىلىرى بويىچە سېھرىي ئادەم ›› دەپ نام ئالغان كىشىدۇر.

    ئۇ ھەر خىل قوشۇلما تەركىبلەرنىڭ رولى بىلەن ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى پىششىق بىلىپلا قالماستىن ،يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ‹‹پەردە ئارقىسىدىكى ئىشلار››نىمۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن گۇۋاھچىدۇر.

    شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ  بۇ ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرىڭىزغا تەقدىم قىلدۇق.

    بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە يېمەكلىككە قېتىلىدىغان قۇشۇلمىلارغا ئائىت بىر ئىشنى سۆزلەپ

  • ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    جىنسىي ئالاقىدە تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم:

    بىرىنچى: كېسەللىك ھالىتىدە، ئەقەللىسى زۇكام بولۇپ قالغاندىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق لازىم.

    ئىككىنچىسى: ھەيز كۆرگەن مەزگىلدە، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ۋە ئاخىرقى ئىككى ئېيىدا ھەرگىز جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق لازىم. بۇنىڭغا رىئايە قىلماسلىق ئەر-ئايالنىڭ سالامەتلىكى، ئانا بىلەن ھامىلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

    ئۈچىنچىسى: قورساقنى تويغۇزۇپلا  ۋە ياكى ئاچ قورساق جىنسىي ئالاقە قىلىش زىيانلىق. شەيخۇلرەئىس : ئاشقازىنى بۇزۇلغان ۋاقىتتا، شۇنىڭدەك قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش بىلەن كۈچلۈك بوشىتىلىشتىن كېيىن ، ھەيز ۋە قانلىق ئىچى سۈرۈشتىن كېيىن، جىسمانى ۋە نەپسانى ھەرىكەتلەردىن كېيىن، سىيىش

  • پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئون ئۆلچىمى

    1-      تولۇق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولۇش لازىم

    بىخەتەرلىك ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي مۇھىت، تەبىئىي مۇھىت، ئائىلە مۇھىتى قاتارلىقلارنى شەرت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ چوڭ. چۈنكى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېھتىياجلىق ئەڭ ئاساسىي تەلەپ ئۆزىگە تەۋە بىر ئايرىم جاي بولۇش بولۇپ، بۇ ئايرىم جاي دەل ئائىلىدۇر. ئائىلە بولغاندىلا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بىخەتەر، تەبىئى مۇھىتنىڭ گۈزەل، خىزمەت مۇھىتىنىڭ ئازادە بولۇشىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشقا، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    2-     تۇرمۇش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك

  • يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە كۆكتاتلار

     

    پالەك

    تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق؛

    خۇسۇسىيىتى: يۈرەك ئاغرىقى ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاغرىقى، ئىسسىقتىن پەيدا بولغان تەپلەرنى پەسەيتىش،سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، يەل ھەيدەش، ئاشقازان كۆپۈشنى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

     

    تۇرۇپ

    تەبىئىتى: ئۇرۇقىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق،كۆكى ھۆل ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى: ماددىلارنى يۇمشىتىش ۋە تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، ئۆپكىنى تازىلاش ، يەل ھەيدەش، قان تومۇرنى

  • ئەر – ئاياللار ئۈچۈن ھەرىيرەلەردىن بىر نەچچە رېتسىپ

    ھەرىيرە مۇقەۋۋى باھ 1

    تەسىرى: مەنىي كۆپەيتىدۇ، جىمادىن كېيىن ئىچسە چىقىپ كەتكەن مەنىينىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. تەسىرى تېز بولۇپ ئاجايىپ ئۈنۈم بېرىدۇ.

    تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: ئاقلانغان بادام مېغىزى،زاراڭزا ئۇرۇقى مېغىزى،كېۋەز ئۇرۇقى مېغىزى 12گرامدىن، خەشخەش ئۇرۇقى 3گرام، ئاق بەھمەن، ئاق تۇدرى، سۆئلەپ مىسرى 6گرامدىن،زەنجىۋىل 2گرام، قىزىلگۈل ئەرقى ، كالا سۈتى 125 مىللىلېتىردىن، ناۋاتتىن 36گرام ئېلىنىدۇ. مېغىزىياتلار بىلەن خەشخەش ئۇرۇقى قىزىلگۈل ئەرقى ۋە سۈتكە قوشۇپ قاينىتىپ شىرىسى چىقىرىپ پىشۇرۇلىدۇ. كېيىن قۇيۇلغاندا قالغان دورىلار بىل

كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!